تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بالىلار تەريىيىسى

2015年03月31日 AUBAZAR澳洲购物





مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى 4 پارچە ماقالىسىدە 45 يىللىق تارىخقا ئىگە، بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان «دەسلەپكى مەزگىللەر» [1] گۇرۇپپىسىنىڭ تور بېتىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇردۇم. مەزكۇر ماقالە ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، مەن بۇ قېتىم 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بالىلار تەربىيىسى ھەققىدىكى تەۋسىيىلەرنى تونۇشتۇرىمەن [2].

بالا 5 ياشقا توشقاندا، كۆپىنچە بالىلار 13 مىڭ ئەتراپىدىكى سۆزلۈكنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ، ھەمدە 5-8 سۆزلۈكتىن تەركىب تاپقان جۈملىلەرنى تۈزەلەيدىغان بولىدۇ. -54 ياشلىق بالىلار يەسلىگە كىرگەندە، كىتاب ئوقۇش بالىنىڭ كۈنلۈك تۇرمۇشىنىڭ بىر ئاساسىي قىسمى بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا، بالا كىتابتىكى بىر سۆزنى تۇنجى قېتىم ئۆزى مۇستەقىل ئوقۇيالىشى، ۋە ھەرپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ سۆز تۈزۈش ھەمدە سۆزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ جۈملە تۈزۈشتىن پەيدا بولغان بىر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ھاياجانلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. مۇشۇ مەزگىلدە بالىڭىز كىتاب ئوقۇشقا ئۆزى ئاكتىپ ھالدا كىرىشىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش قىياپىتىگە كىرىۋېلىشى بۇرۇنقى ياشتىكى ۋاقىتلىرىغا قارىغاندا ھەقىقىي كىتاب ئوقۇشقا كۆپ يېقىنلاشقان بولىدۇ.

مۇشۇ مەزگىلدە سىز بەلگىلەپ بەرگەن كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنىڭ سىرتىدا، بالىڭىز ئۆزىنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ ئىچىگە كىتاب ئوقۇش ۋە خەت يېزىشنىمۇ قوشۇۋېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بالىڭىز ئۆزى بىلىدىغان ھەرپلەر بىلەن سۆزلەرنى قوشۇپ، ئۆزى ئايرىم بىر ھېكايە يازماقچى بولغان پىلانىنى ئېلان قىلىشى، ياكى بىرەر گېزىت ياكى ژۇرنالنى قولىغا ئېلىپ، بىر بالىلار چۆچەك ئوپېراسى تەييارلىشى مۇمكىن.

2. تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە بىر قانچە تەۋسىيىلەر

(1) باش ھەرپنىڭ ئوقۇلۇشى

مۇشۇ ياش دائىرىسىدىكى بالىلار ئۈچۈن بىر ھالقىلىق ماھارەت ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئۆگىنىۋېلىشتىن ئىبارەت. بالىڭىز بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتقاندا، ئارىلاپ-ئارىلاپ بالىڭىزغا بىر سۆزنىڭ باش ھەرپىنى كۆرسىتىپ، بالىڭىزدىن يەنە باشقا قانداق سۆزلەرنىڭ مۇشۇ ھەرپ بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى سوراڭ. مەسىلەن، «ئا» ھەرپىنى كۆرسەتسىڭىز، بالىڭىز «ئاپا» دېگەن سۆزنى دەپ بېرىشى مۇمكىن. «د» ھەرپىنى كۆرسەتسىڭىز، «دادا» دېگەن سۆزنى دەپ بېرىشى مۇمكىن. ئائىلىدىكى كىشىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ئىسىملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەرپلەرنى سورىغاندا بالا ئۇنداق ھەرپلەرنى ئۆزىگە باغلاپ، ئۇلارنى ئەستە ياخشىراق قالدۇرىدۇ. بۇ ئىشنى بىر قىزىقارلىق ئىش سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئەگەر بالىڭىز بۇ پائالىيەتتىن زېرىكىپ قالىدىكەن ياكى بۇ پائالىيەتكە قىزىقمايدىكەن، نورمال كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(2) سۆز تونۇش

مۇشۇ مەزگىلدە بالىڭىز بىر قىسىم پۈتۈن سۆزلەرنى تونۇيدىغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ ئىسمى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسمى، ئاپا ۋە دادىسىنىڭ ئىسمى قاتارلىقلار. بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا بەزى يېڭى سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىمۇ ئەستە قالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. ئۇزۇنراق سۆزلەرگە دۇچ كەلگەندە ئۇلارنى بىر قانچە كىچىك سۆز بوغۇملىرىغا بۆلۈپ بېرىڭ.

(3) كىچىك ۋاقتىدىكى يېزىقچىلىق

تۆت ياش ۋە بەش ياشلىق بالىلار يەسلىگە كىرگەن بالىلار ئېلىپبە ھەرپلىرىنى يېزىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇ دەسلەپكى ساۋات چىقىرىشىنىڭ بىر مۇھىم پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر 4-5 ياشلىق بالىڭىز ھەرپلەرنى ئۆزى يېزىشنى تېخىچە ئۆگىنىپ بولالمىغان بولسا، بالىڭىزغا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە ئۆزى بىلىدىغان سۆزلەرنى يېزىشنى ئۆگىتىڭ. مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن خەت يېزىشنى بىللە مەشىق قىلىڭ. بالىڭىز سىزنىڭ ئۆزى بىلىدىغان سۆزلەر ۋە سۆز-ئىبارىلىرىنى يازغىنىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن، بالىڭىز ئۇلارنى ئۆزى دوراپ يېزىپ باقىدۇ.

(4) ئوخشاشلىق بىلەن پەرق

تۆت ياشلىق ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق بولغان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنياغا قانداقراق ماسلىشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ناھايىتى پۇختا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنداقلا ئۇلار يەسلىدىكى ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرنىمۇ ياخشىراق چۈشىنىدىغان بولىدۇ. بالىڭىزغا ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپا، مىللەت، بەدەن تۈرلىرى ۋە ئائىلە ئەھۋاللىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى تەكىتلەيدىغان كىتابلارنى تەييارلاپ بېرىش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ ئاشۇنداق پەرقلەرنى قەدىرلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيسىز.

(5) تېپىپ بېرىش

بالىڭىزنىڭ يېشى 5 كە يېقىنلاشقاندا، بالىڭىز سورايدىغان سوئاللارنىڭ قىيىنلىق ۋە قىزىقىش دەرىجىسى بىر يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلىدۇ. كىتابتا چىققان نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى ھەققىدىكى ئاددىي سوئاللار بەزى ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى تېخىمۇ مۇرەككەپ سوئاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلمىسىڭىز، قورقۇپ كەتمەي، سەل كېچىكتۈرۈپ بولسىمۇ ئۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىنتېرنېتتىن ياكى كىتابلاردىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى بالىڭىزغا دەپ بېرىڭ.

3. تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ساۋات چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

كىتاب ئوقۇتۇش مەكتەپلەردىكى ئەڭ ھالقىلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش قورالى بولسىمۇ، ئۇ ئۆي ئىچىدىمۇ بۇرۇنقىدەكلا چىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك. كۆپلىگەن جەھەتلەردە، سىزنىڭ 5 ياشلىق بالىڭىز ئۆزى مۇستەقىل ئىش كۆرىدىغان، ۋە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بىر كىچىك ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىكى سىز بىلەن بولغاچ يېقىنلىق تۇيغۇسى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملىشىدۇ. ئۆي ئىچىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشنى تەشكىل قىلىدىغان جىددىي ۋە دىققەتنى چاچىدىغان ئىشلار ئىچىدىن بىر مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ، بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇش، ئۆزىڭىزنى سەل توختىتىپ، بالىڭىز بىلەن بولغان باغلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ ياشتىكى بالىلار تۆۋەندىكى ئۇقۇملارنىڭ بىر قىسمىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ:

–قەغەزگە بېسىلغان سۆزلەر ئېغىزدىكى سۆزلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

–كىتابنىڭ بېشى، ئوتتۇرىسى، ۋە ئاخىرى بار.

–بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئاھاڭى ئوخشاش، ئەمما يېزىلىشى ۋە مەنىسى ئوخشاش ئەمەس. (ئەسكەرتىش: بۇ خىل ئەھۋال ئىنگلىز تىلىدا ناھايىتى كۆپ)

–تېكىست ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ ۋە ئوڭدىن سولغا ئوقۇلىدۇ.

–بوشلۇق سۆزلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ.

–ھەر بىر ۋاراقتىكى سۆزلەر ئاشۇ ۋاراقتىكى رەسىملەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

بۇ ياشتىكى بالىلار ئۈچۈن كىتاب تاللىغاندا، بالىڭىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقنىڭ دەرىجىسى ۋە بالىڭىز ئۈچۈن بېكىتكەن نىشانغا توغرا كېلىدىغانلىرىنى تاللاڭ. مەسىلەن، ئەگەر بالىڭىز 5 ياشلىق بالىلار يەسلىسىگە كىرىش توغرىسىدا جىددىيلىشىۋاتقان بولسا، بالىلار يەسلىگە كىرگەن 1-كۈنى كۆرىدىغان ئىشلارنى مەزمۇن قىلغان كىتابتىن بىرنى ئوقۇپ بېرىڭ. ئەگەر سىز ئۆي كۆچمەكچى بولۇۋاتقان بولسىڭىز (ئەسكەرتىش: ئۆي كۆچۈش غەرب ئەللىرىدە ناھايىتى كۆپ بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى)، بالىڭىزغا بۇرۇنقى ئۆي بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى ئۆيگە ئورۇنلىشىش ھەققىدىكى كىتابتىن بىرنى ئوقۇپ بېرىڭ.

بۈگۈنكى يۇقىرى تېخنولوگىيە دەۋرىدە، كۆپىنچە مەكتەپلەر بالىلارغا ھالقىلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىتىش ۋە بالىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىدۇ. شۇڭا بالىڭىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىكى ئاساسىي قەدەم-باسقۇچلارنى ئۆگىنىۋېلىشقا ياردەم قىلىڭ.

4. ئاخىرقى سۆز

«دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسىنىڭ تور بېتىدىكى مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان مەزمۇنلار مۇشۇ ماقالە بىلەن ئاخىرلاشتى. ئوخشىمىغان ياش كاتېگورىيىسىدىكى بالىلار تەربىيىسى ھەققىدىكى مەن تېخى تونۇشتۇرمىغان مەزمۇنلاردىن پەقەت تۇغۇلمىغان بالا ھەققىدىكى مەزمۇن بار بولۇپ [3]، ئۇ مەزمۇنلار مەن بۇرۇن يېزىپ بولغان «تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى» دېگەن تېمىدىكى مەزمۇنلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇ مەزمۇنلارنى قايتا تونۇشتۇرمايمەن.

بالا تەربىيىسى ھەققىدە مەن پىلانلاپ قويغان تېمىلاردىن يەنە بىر قانچىسى بار بولۇپ، مەن ئۇلارنى داۋاملىق تەييارلاپ يوللايمەن. ئەگەر تورداشلارنىڭ كۆڭلىدە بالا تەربىيىسى ھەققىدە كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر قىزىقىدىغان تېمىلار بار بولسا، ئۇنى مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلار، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزۈم مۇۋاپىق كۆرگەن تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم تېما قىلىپ يوللايمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.



收藏 已赞