بوۋاقلار ۋە تۇخۇم سېرىقى

2015年03月17日 AUBAZAR澳洲购物




تۇخۇم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بولۇپلا قالماي، پۇشۇرۇشمۇ ئاسان ھەم باھاسى ئەرزان. سۇدا پۇشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى ئىنتايىن يۇمشاق، ئاسان ئېزىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارغا بىۋاستە بېرىشكە ئىنتايىن قولايلىق. ھەتتا بوۋاقلارغا بېرىدىغان بۇلماق، چۆپ، شويلا قاتارلىق يىمەكلىكلەرنىڭ ئىچىگە ئارىلاشتۇرۇپ بېرىشكىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

ئانا سۈتى بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىل ئادەتتە 6 ئاي داۋاملىشىدۇ. لېكىن 6 ئايدىن كېيىن ئانا سۈتىنىڭ ، ۋە باشقا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرى يېتىشمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇلۇپ 4 ئايلىقتن 6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇشنى باشلاش ئىنتايىن مۇھىم. تۇخۇم سېرىقى قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولۇپ، بوۋاقلار ئۈچۈن قان ئىشلەپ چىقىرىشتا مۇھىم بولغان تۆمۈر ماددىسى ۋە مىڭىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق

بىلەن تەمىنلەيدۇ ،تۇغۇلۇپ 4 ئايلىقتن 6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار مەيلى ئانا سۈتى، بوۋاقلار سۈت پاراشوگى، ياكى ئارلاش ئوزۇقلۇق بىلەن بېقىلغان بولسۇن، چوقۇم تۇخۇم سېرىقى ئىستىمال قىلىپ قان ئازلىق كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ۋە چوڭ مىڭە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان DHA نى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت تۇخۇم سېرىقىنى تەركىۋىدە مول بولغان ۋىتامىن ئا (بوۋاقنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ)، يوپۇرماق كىسلاتاسى (قان تولۇقلايدۇ) زىنىك (ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ) قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇقلار بار.


بوۋاقلارغا تۇخۇم سېرىقى بېرىشنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى:

1. بوۋاقلار 4 ئايلىق بولغاندا سۇدا پۇشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقىنى 8 ئۈلۈشكە بۆلۈپ بىر ئۈلۈشنى يىگۈزۈپ قويۇش، ئۇدا 2-3 كۈن بەرگەندىن كېين 4 دىن بىرىنى، يەنە ئۇدا 2-3 كۈن بەرگەندىن كىيىن يېرىمىنى بېرىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا 10 كۈن ئىچىدە بوۋاقنى كۆندۈرۈپ ھەر كۈندە بىر تال تۇخۇم سېرىقى يەيدىغان قىلىش كېرەك.

2. تۇخۇم سېرىقىنى بەرگەندە بىۋاستە بەرسىمۇ بولىدۇ، ياكى بۇلماق، چۆپ، شويلا قاتارلىق بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان يىمەكلىكلەرگە سېلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بالا چوڭراق بولغاندا يۇقارقىدەك مەخسۇس تاماقلارنى بىۋاستە تۇخۇم سېلىپ تەييارلىسىمۇ بولىدۇ.



3. بوۋاق 6 ئايلىق بولغاندا يۇقارقىدەك كۈنىگە بىر تال تۇخۇم سېرىقىنى داۋاملىق بەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت خام تۇخۇمنىڭ ئېقى ۋە سېرىقىنى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن ھوردا پۇشۇرۇپ قوشۇقتا يىگۈزۈپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر بوۋاق تاتلىق ياكى تۇزلۇق نەرسىلەرگە ئامراق بولسا ئازراق شىكەر ياكى تۇز قوشسىڭىز بولىدۇ.

4. ئادەتتە 1 ياشقا كىرمىگەن بوۋاقلار كۈنىگە بىر تۇخۇم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ، 1 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن 2 تۇخۇم ئىستىمال قىلىش كېرەك.

5. تۇخۇم بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر يىمەكلىك بولۇپ ھىچقانداق زىيىنى يوق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرى ئىچىدە تۇخۇم رىئاكسىيە قىلىدىغان بالىلار يوق دىيەرلىك بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار خاتىرجەم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

6. خەلق ئىچىدە تارقالغان ”بالىلار تۇخۇم يىسە بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ“، ”بالىلار تۇخۇمنى ھەزىم قىلالمايدۇ“، ”تۇخۇم يىسە بالا قۇرۇق ئىسسىق ياكى قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ“ ”بالىلار تۇخۇم يىسە سۆڭىكى بالدۇر قېتىپ قالىدۇ“ دىگەندەك كۆز قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. ئەمىلىيەتتە دۇنيادا بالىلىرىنى ئەڭ ساغلام ۋە سۈپەتلىك چوڭ قىلىۋاتقان مىللەتلەرمۇ تۇخۇم بىلەن بالىلىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.

7. ئەگەر بوۋاقلارغا تۇخۇم سېرىقى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە ئاسانلا قان ئازلىق، راخت كىسىلى، ۋىتامىن كەملىك، ئىممۇنىت كۈچى ئاجىزلاش، چوڭ مىڭە تەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.



收藏 已赞