كىچىك بالىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10چوڭ پايدىسى

2015年03月27日 AUBAZAR澳洲购物





كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى (بىلىمخۇمار)

مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى قېتىم تەييارلىغان «تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى» دېگەن تېمىدىكى بىر ماقالىسىدە، غەربتە ياشايدىغان، بالا تەربىيىسى كەسپىدە ئالىي ئۇنۋانلارنى ئالغان، ۋە بالا تەربىيىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم نەزەرىيىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. مەزكۇر ماقالىدا كىتابنىڭ تۇغۇلۇپ بولغان بالىلار ئۈچۈن قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمەن. يەنى تۇغۇلۇپ بولغان، ئەمما مەكتەپ يېشىغا تېخى توشمىغان بالىلارغا كىتابنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

بىر ئادەم ئىنگلىزچە Google غا كىرىپ، «بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقى» (the importance of reading books to children) دەپ ئىزدەپ باقىدىغان بولسا، بۇ ھەقتىكى ئىنگلىزچە مەنبەلەرنىڭ كۆپلۈكىگە ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال مەندەك بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغان كىشىگىمۇ خېلى زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. يەنى بىز «بۇ ساھەدە ماتېرىياللار بەك كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىسىنى تاللاپ تونۇشتۇرۇش كېرەك؟» دېگەن مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز.

مەن بۇ قېتىم «دەسلەپكى مەزگىللەر» (Early Moments) دېگەن بىر تور بېتىنى تاللىدىم. بۇ تور بەتتە بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى ئۇچۇردىن باشقا، ھازىرغىچە غەرب ئەللىرىدە بالا تەربىيىسىدە ئەڭ كۈچلۈك رول ئوينىغان ياكى ئەڭ كۆپ تارقالغان نۇرغۇن كىتابلار بار ئىكەن. ھەمدە «بىر ياشلىق بالا»، «ئىككى ياشلىق بالا» دېگەن ئايرىم-ئايرىم سەھىپىلەر بار بولۇپ، ئاشۇ كاتېگورىيىلەرنىڭ ھەر بىرسىگە توغرا كېلىدىغان بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى، ھەمدە كىتاب ۋە باشقا ماتېرىياللار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئايرىم-ئايرىم تەمىنلىنىپتۇ. بۇ تور بەتنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر قانچە پارچە ماقالە بىلەن تونۇشتۇرۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇڭا مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ تور بەتتىكى پەقەت بىرلا مەزمۇننى، يەنى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرىنى تونۇشتۇرىمەن. ئۇ تور بەتتىكى باشقا بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى ماقالىلىرىدە تونۇشتۇرۇشۇم مۇمكىن.

رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن مەزكۇر تور بەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئازراق تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

تۆۋەندىكىسى «دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىدىكى مەزمۇنلار. ئەگەر مەن ئۆز پىكرىمنى قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنى مەن «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزىمەن.كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى (بىلىمخۇمار)

1.«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىنى قۇرغانلار يالغۇز مۇھەررىرلەر بىلەن نەشرىياتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن [1]، ئۇلار كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنىڭ مائارىپ كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار كىتابلىرى نەشرىياتى ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىگەن كەسىپ ئەھلىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاساسىي نىشانى ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە ناھايىتىمۇ ھۇزۇرلىنارلىق كىتاب ئوقۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەتتۇر.

«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىنىڭ باش شىركىتى 1965-يىلى بىر ياش ئاخباراتچى تەرىپىدىن نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى باشلىشىغا ئۆزىنىڭ بىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىدىن ئەڭ ياخشى دەرىجىدە خەۋەر ئېلىش ئىستىكى تۈرتكە بولغان. ئۇ بىر گۇرۇپپا بالا تەربىيىسى (child development) مۇتەخەسسىسلىرىنى يىغىپ، ياش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن «بوۋاق كىتابى» (The Baby Book) دەپ ئاتالغان بىر قوللانمىنى نەشر قىلىپ، ئۇنى دوختۇرخانىلار ئارقىلىق تۇنجى قېتىم پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلارغا تارقاتقان. ھازىر بۇ كىتابنىڭ 42-نەشرى بېسىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 1965-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن ياۋروپادا نەشر قىلىنىپ كەلگەن. 45 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بالىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە نۇرغۇن بىلىم ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنى توپلىغان.

45 يىلدىن بۇيان «دەسلەپكى مەزگىللەر» گۇرۇپپىسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركىلاردىن «دوكتور سيۇس» (Dr. Seuss)، «دىسنېي» (Disney) ۋە «بوۋاق ئېينىشتېين» (Baby Einstein) قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن.

ئىلاۋە: مەن غەرب ئەللىرىدە بالىلارغا بىلىم بېرىدىغان ۋە بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ھەر خىل كىتابلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بىلەتتىم. ئەمما، دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتېين (Albert Einstein) نىڭ ئىسمى قوللىنىلغان بىر ماركىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئېينىشتېين فىزىكا ساھەسىدە بايقاشلىرى ئەڭ كۆپ بولغان داڭلىق ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ بايقاشلىرى ئىچىدە «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەن ھازىر «بوۋاق ئېينىشتېين» ماركىسىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ باقتىم. ئۇنىڭدا كىچىك بالىلار ئويناپ يۈرۈپ ئۆزى مۇستەقىل ھالدا يېڭىلىقلارنى بايقاشنى مەزمۇن قىلغان كىتابلاردىن 50 تەك كىتاب بار ئىكەن [2].

«دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بالىلىرىمىزغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىمىز. بىز ئۇلارنى ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ باغرىمىزغا بېسىپ، ئۇلارغا بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىمىز. ئۇلار ئويناش مەيدانىدا كۆرسەتكەن سېركچىلىك ئويۇنلىرىغا چاۋاك چېلىپ، بىز ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىمىز. ئۇلار بىلەن بىر دولقۇنلۇق كۆلدە سۇ ئۈزۈپ، بىز ئۇلارنىڭ يېڭىلىقلارغا بولغان ھەۋىسىنى قوزغايمىز. ئەمما، شۇنداق بىر سوۋغات باركى، ئۇ بالىلىرىمىزغا يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايدۇ. ئۇ بولسىمۇ بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش سوۋغىتىدىن ئىبارەت. ھەر كۈنى بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇش، بالىڭىزغا ئۇنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ۋە ئۇنى جەلپ قىلىدىغان كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىش، ھەمدە ئۆزىڭىز بىر كىتاب ئوقۇش ئۈلگىسى بولۇپ بېرىش ئارقىلىق، سىز بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ساۋاتىنى چىقىرالايسىز. بالىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىدىغان، ئۆگىنىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيسىز. «دەسلەپكى مەزگىللەر» تور بېتى سىزنى بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى كىچىك ۋاقتىدىلا چىقىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز سىزنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىزنىڭ سىزگە ۋە ئۆمۈر-بويى كىتابئوقۇغۇچى بولۇش ئالدىدا تۇرغان بالىڭىزغا قانداق ياردەمدە بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن [3].

2. كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى

سىز بالىڭىزدا يېتىلدۈرمەكچى بولغان ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئېھتىمال بالىڭىزنىڭ ئەقىللىق بولۇشىدۇر. ھەممىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ئەقىللىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇڭلاشقا بىز ياخشى مەكتەپنى تاللاشقا ۋە تاللىغان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىز كۈتكەن يەردىن چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىمىز. ئەمما، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز بالىنىڭ دادىسى ياكى ئاپىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، كىتابئوقۇشنى بالىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى قىلىش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتەلەيسىز.

ئىلاۋە: ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە ھەر بىر ئائىلىلىكلەر رايونىدا ياشايدىغان بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتەپلىرى ئالدىن بېكىتىۋېتىلگەن بولۇپ، سىز ماۋۇ رايوندا ياشاپ، بالىڭىزنى يەنە بىر رايونغا تەۋە مەكتەپكە كىرگۈزەلمەيسىز. بۇ ئىش ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ، خۇسۇسىي مەكتەپلەرگە بۇنداق چەكلىمە قويۇلمايدۇ. ئەمما، خۇسۇسىي مەكتەپلەر خېلى يۇقىرى ئوقۇش پۇلى ئالىدۇ. ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى بولسا ھەقسىز ئوقۇتىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنى باشقا بىر رايوندىكى ياخشىراق مەكتەپكە بەرمەكچى بولسىڭىز، ئۆيىڭىزنى شۇ رايونغا كۆچۈرۈشىڭىز، ياكى ئاشۇ رايوندا بىر ياتاق ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇشىڭىز كېرەك. ئامېرىكىدا ئەنە شۇنداق قىلىدىغانلار خېلى كۆپ.

بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ بىر ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما سىز ئەمدىلا ئايىغى چىققان ياكى تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىتابنىڭ پايدىسىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلار ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى بىلەمسىز؟ سىز 2 ياشتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك مۇھىم پايدىلارغا ئېرىشەلەيسىز.

(1) ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا بىر كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىش. بالا يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئويناش، يۈگۈرۈش ۋە توختىماستىن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىش ئىشلىرى بىلەن ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ كېتىدۇ. بالىڭىز بىلەن بىللە يېتىپ، ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق، سىلەر ئىككىڭلار بارلىق ھەرىكەتتىن توختاپ، بالىڭىزنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى تاتلىقلىقى بىلەن ئۇنى باغرىڭىزغا باسقان ۋاقىتتا سىزگە ئېلىپ كەلگەن راھەتلىك پەيتلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز. بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بىر ۋەزىپە ئەمەس، ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرىدىغان بىر تەربىيىلەش جەريانىغا ئايلىنىدۇ.

(2) بالىنى مەكتەپتە ئەلا دەرىجىدە ئوقۇيدىغان قىلىش. يېڭى ماڭغان ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ بىر ئاساسىي پايدىسى ئاشۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشى ئادەتتە ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەكتەپ يېشىغا توشۇشتىن بۇرۇن كىتاب بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بىر بالا سۆز ۋە جۈملىلەرنى قۇراشتۇرۇش جەھەتتە قىينالسا، ئۇنىڭ ئۆزىگە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ماتېماتىكا، تەبىئىي-پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئۇقۇملىرىنى ياخشى چۈشىنەلىشىمۇ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

(3) ئاساسىي سۆزلەش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈش. بالىلار يېڭى مېڭىشقا باشلاپ، مەكتەپ يېشىغا توشقۇچە ناھايىتى ھالقىلىق تىل ۋە تەلەپپۇز قىلىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ. بالىڭىز سىز ئوقۇپ بەرگەن كىتابنى ئاڭلاپ، تىلنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي ئاھاڭلارنى ئەستە قالدۇرىدۇ. يېڭىدىن ماڭغان بىر بالىنىڭ كىتابلارنى ۋاراقلاپ، يالغاندىن كىتاب ئوقۇشى ئۇنىڭ ساۋاتلىق بولۇشىدىن بۇرۇنقى بىر ئىنتايىن مۇھىم پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بالىڭىز بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆزلۈكىدىن تەلەپپۇز قىلىشقا باشلايدۇ.

(4) كىتاب ئوقۇشنىڭ ئاساسلىق ماھارىتىنى ئىگىلەش. بالىلار تېكىستلەرنىڭ سولدىن ئوڭغا ياكى ئوڭدىن سولغا ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان، ياكى كىتابتىكى سۆزلەر بىلەن رەسىملەرنىڭ ئۆز-ئارا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ھالدا تۇغۇلمايدۇ. بالىلاردا ئادەمدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاشۇنداق ماھارەتلەرنى ئۇلارغا كىچىك ۋاقتىدا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

(5) كۈچلۈك ئالاقىلىشىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش. يېڭىدىن ماڭغان بالىغا كىتاب ئوقۇپ بەرسىڭىز، ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى سۆز ئارقىلىق ياخشىراق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساغلام ئېلىپ بارالايدىغان بولىدۇ. سىز ئوقۇپ بەرگەن كىتابتىكى پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە دىققەت قىلىش، ھەمدە كىتاب ئوقۇش ۋاقتىدا سىز بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بالىڭىز ئىنتايىن قىممەتلىك ئالاقىلىشىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

ئىلاۋە: غەرب ئەللىرىدىكى مەكتەپ ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىر ئادەمنىڭ ئېغىزاكى ۋە يازما شەكىلدىكى «ئالاقىلىشىش ئىقتىدارلىرى» (communication skills) غا ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا غەرب ئەللىرىدە بۇ ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشنى بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا باشلايدۇ. ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئىچىدە كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشايدىغانلار ناھايىتى يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇنداق ئىشقا ئىنتايىن ئۇستا كېلىدۇ. ھەمدە ئاشۇنداق كەسىپ بىلەن ناھايىتى ياخشى ياشايدۇ. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاقتىمدا، «ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى» دېگەن بىر ئۇقۇمنى ئۇچرىتىپ باققىنىم ئېسىمدە يوق. يەنى، ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، بۇنداق ئاجىزلىق توغرا سوئالنى سوراش، سوئالنى توغرا سوراش، ئۆز مەقسىتىنى توغرا ئىپادىلەش، ئۆز بىلىمىنى باشقىلارغا ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە نامايان بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى بىر سەۋەب، ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىتابئوقۇماسلىق ھازىرمۇ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئىنتايىن ئېغىر.

(6) تىلنى پىششىق ئىگىلەش. تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېڭى ماڭغان ۋاقىتتىن باشلاپ كىتاب بىلەن ھەپىلىشىش بالىلارنىڭ ناھايىتى پۇختا تىل ئاساسىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

(7) تېخىمۇ كۆپ لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئىگىلەش. كىچىك بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم پايدىسى، ئۇلاردا ئابستراكت ئۇقۇملارنى چۈشىنىش، ھەر خىل ئەھۋاللارغا قارىتا لوگىكىلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، سەۋەب بىلەن نەتىجىنى توغرا تونۇش، ۋە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ. بالىڭىز سىز ئوقۇپ بەرگەن ھېكايىنى ئۆز ئەتراپىدىكى دۇنيا بىلەن باغلىغاندا ئۇ باشقىچە ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ.

(8) يېڭى نەرسىلەرگە خۇش پېئىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياكى يېڭىلىقنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدىغان بولۇش. بالىڭىز ئۆسۈش جەريانىدىكى بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېقىنلاشقاندا، ياكى مەلۇم بىر بېسىمى ئېغىر ئىشقا يولۇققاندا، ئۇنىڭغا ئاشۇنداق ئەھۋاللارغا ماس كېلىدىغان ھېكايىدىن بىرنى ئوقۇپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭ ئاشۇنداق بىر ئۆتكەلدىن قىينالماي ئۆتۈپ كېتىشى كۆپ ئاسانغا توختايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بالىڭىز يەسلىگە كىرىش ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكايىدىن بىرنى ئوقۇپ بەرسىڭىز، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئاز جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.

(9) بىر ئىشقا زېھنىنى يىغىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىش. يېڭى ماڭغان بالىلار دەسلىپىدە كىتاب ئوقۇۋاتقاندا جىم ئولتۇرماسلىقى ياكى ھېكايىگە زېھنىنى يىغالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار بارا-بارا كىتاب ئوقۇۋاتقاندا زېھنىنى كىتابقا مەركەزلەشتۈرىدىغان بولىدۇ. كىتابئوقۇپ يېڭى چۈشەنچە ھاسىل قىلىش جەريانىدا ئۆز-ئۆزىنى ياخشىراق كونترول قىلىدىغان، زېھنىنى بىر ئىشقا ئۇزۇنراق يىغالايدىغان، ھەمدە ئەستە ياخشىراق قالدۇرالايدىغان قابىلىيەتلەرنىمۇ يېتىلدۈرىدۇ. بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بۇ ئىقتىدارلار ئۇنىڭ مەكتەپتە ئەلا دەرىجىدە ئوقۇشىغا ناھايىتى زور دەرىجىدە ياردەم قىلىدۇ.

(10) كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر ھۇزۇرلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش. يېڭى ماڭغان بالىلارغا كىتابئوقۇپ بېرىش ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر تۈرلۈك ئادەم بېرىلىپ كېتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ بىر ۋەزىپە ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان قىلىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا كىتابنى كۆپ ئاڭلىغان بالىلار ۋىدىئو ئويۇنلىرى، تېلېۋىزور ۋە باشقا شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىغا قارىغاندا كىتاب ئوقۇشنى ياخشىراق كۆرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىدۇ.

كىتاب يېڭى ماڭغان ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغا سانسىزلىغان جەھەتتە پايدا يەتكۈزۈش كۈچىگە ئىگە. ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن كىچىك بالىسىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىسىنى مەكتەپلەردە ئەلا دەرىجىدە ئوقۇيدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.

3.ئاخىرقى سۆز

مەن ھەر قېتىم غەربنىڭ بالا تەربىيىسى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆزەتكەندە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۇ جەھەتتە نەقەدەر ئارقىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىمەن، ھەمدە ناھايىتى تىت-تىت بولىمەن. ئامېرىكىدىكى چوڭ-چوڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە «بالا تەرەققىياتى» ياكى «بالا تەربىيىسى» (child development) دېگەن بىر كەسىپ بار بولۇپ، ئەگەر بىر ئادەم مۇشۇ كەسىپتە ھەپتىسىگە 3 سائەتتىن ئۆتۈلىدىغان دەرستىن 4 نى ئوقۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئالمايدىكەن، ئۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپكىمۇ ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ. يەسلىگە ئوقۇتقۇچى بولىدىغانلارغىمۇ مۇشۇ جەھەتتە بەلگىلىك تەلەپلەر قويۇلىدۇ. قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن چوقۇم ھەر ئىككى تىلدا ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە ساۋاتلىق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەن بۇرۇن يازغان ماقالىلىرىمنىڭ بىر قانچىسىدە يەھۇدىيلار بىلەن ياپونلارنىڭ بالا تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئەگەر بىز دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئاشۇنداق تەرەققىي قىلالىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بالا تەربىيىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى چوقۇم ئاشۇ ئامىللار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى بولۇپ چىقىدۇ. ئەمما، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز تېخىچە بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنى ياخشى قىلالمايۋاتىمىز.

تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ بالا تەربىيىسى جەھەتتىكى بىر قانچە تەكلىپىنى قېرىنداشلارغا سۇنىمەن:

(1) ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆز خەلقىگە بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ كىچىك بالىسى بار، ھەمدە تور بېتى ياساشقا قىزىقىدىغان قېرىنداشلار خېلى كۆپ بار. بولسا شۇنداق قېرىنداشلار مەن مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرغان «دەسلەپكى مەزگىللەر» دېگەن تور بېتىگە ئوخشاش بىر مەخسۇس بالا تەربىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تور بېتىدىن بىرىنى ياسىغان بولسا. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بالا تەربىيىسىگە ئائىت ھەممە ماقالىلەرنى توپلاپ، بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان كىتابلارنى ۋە يېڭى تېخنىكىلار ئاساسىدا ياسالغان، بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا ياردىمى بار ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى تونۇشتۇرغان بولسا. ئاشۇنداق بۇيۇملارنى سېتىش، ۋە غەربنىڭ بالىلارغا ئائىت ياخشى كىتاب ۋە باشقا بۇيۇملىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قىلىشنىمۇ ئويلىشىپ باققان بولسا. ئەگەر ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان شىركەت ۋە تور بەتلىرى قۇرۇلۇپ بولغان بولسا، ئەگەر مۇۋاپىق بولسا، ئۇلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويغان بولساڭلار.

(2) كىچىك بالىسى بار ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقىدەك تور بەتنىڭ بىرسىگە يىغىلىپ، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەشتە ئۆز-ئارا ياردەملەشسە.

(3) چەت ئەلدە «بالا تەرەققىياتى» ۋە مائارىپ كەسپىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغىچە ئوقۇغان، ۋە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن مەلۇم ساندىكى كىشىلەر بار. مېنىڭ سىلەردىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم، بىلىمىڭلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرۇپ قويغان، ئۇلارغا بىلىمنىڭ زاكىتىنى بەرگەن بولساڭلار. ھازىر بالا تەربىيىسى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەر ئىنتايىن قىس. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرەرسىدە «بالا تەرەققىياتى» دېگەن كەسىپ بارمۇ-يوق، ئۇنى بىلمەيمەن. مەن بۇرۇن يۇرتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنداق كەسىپنى ئاڭلاپ باقمىغان. چەت ئەلدە ئادەتتىكى بىر ئىشتەك تۇيۇلغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن قىممەتلىك بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا مەن چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىلىملىك قېرىنداشلارنىڭ ئۆز بىلىملىرىنى خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مە


收藏 已赞