زەنجىۋىلنىڭ رولى

2015年03月23日 AUBAZAR澳洲购物





1. ئېغىزدىكى جاراھەتكە شىپا قىلىدۇ. ھەر كۈنى 2 قېتىمدىن 3 قېتىمغىچە قىزىق زەنجىۋىل سۈيىدە ئېغىز چايقاپ بەرگەندە، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئېغىزدىكى جاراھەت ساقىيىپ كېتىدۇ.2. بەلغەم ۋە يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ. 15 گرام زەنجىۋىلنى قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ ھەر كۈنى كەچتە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەلغەم ۋە يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ.3. زۇكام ۋە باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ. قاينىتىلغان زەنجىۋىل سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، سىركە قوشۇپ پۇتنى چىلاپ بەرگەندە، زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەر ساقىيىپ كېتىدۇ.4. چىش ئەتراپى ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا، قىزىق زەنجىۋىل سۈيىدە ئېغىز چايقاپ بەرگەندە، چىش ئەتراپىدىكى ياللۇغلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر گال قىچىشىپ ئاغرىسا، قىزىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز سېلىپ ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.5. شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ) گە شىپا قىلىدۇ. شەقىقە قوزغالغاندا، قولنى قاينىتىلغان زەنجىۋىل سۈيىگە 15 مىنۇت چىلاپ بەرگەندە، ئاغرىق پەسىيىدۇ.6. يۈزدىكى يوشۇرۇن جاراھەتكە شىپا قىلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ئاخشامدا، ئىلمان زەنجىۋىل سۈيىدە يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە، يۈزدىكى يوشۇرۇن جاراھەت ئازلايدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ.7. بەل ۋە مۈرە ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ. تۇز ۋە سىركە قوشۇلغان قىزىق زەنجىۋىل سۈيىدە لۆڭگىنى چىلاپ سىقىۋېتىپ، ئاغرىق ئورۇننى بىر نەچچە قېتىم سۈرتكەندە، سىڭىرلار بوشىشىپ قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ.8. پۇت پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قاينىتىلغان زەنجىۋىل سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە سىركە قوشۇپ پۇتنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بەرگەندە، پۇتتىكى غەيرى پۇراقلار يوقىلىدۇ.9. چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە، قىزىق زەنجىۋىل سۈيىدە ئېغىزنى چايقاپ ۋە ئىچىپ بەرگەندە، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە چىشنى ئاسرايدۇ.

خام زەنجىۋىل – شورپا ۋە سەيگە ئىشلىتىلىدىغان ياخشى تەم تەڭشىگۈچى دورا بولۇپلا قالماي، يەنە ئاغىرىق – سىلاقنى داۋالاشتىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ(1) 60 گرام خام زەنجىۋىلنى سوقۇپ، سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ، قايناق سۇغا قوشۇپ ئىچسە، كۆڭۈل ئاينىپ قوسۇش، يۆتەل، بەل – پۇتلارنىڭ تېلىپ ئاغىرىشى قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى بولىدۇ.(2) 30 گرام خام زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە، توغۇتتىن كېيىن ھەيىز كۆرۇ

ش مەزگىلىدىكى قورساق ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ3) خام زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنى باشنىڭ چېچى چۈشۈپ شالاڭلاپ قالغان جايدا ھەر كۈنى ئىككى – ئۈچ قېتىمدىن ئۇدا ئۈچ – تۆت ھەپتە سۈركەپ بەرسە، چاچنىڭ قايتا چىقىشىغا پايدىسى بولىدۇ.

(4) خام زەنجىۋىل بىلەن زەرۋىچ يوپۇرمىقىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گىرامدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە، بېلىق گۆشدىن زەھەرلىنىپ قالغانغا شىپا بولىدۇ.60 گرام خام زەنجىۋىلنى سوقۇپ سۈيىگە 60 گرام ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە ئۆت يولى سازاڭ مەددە كېسەللىكىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.6) خام زەنجىۋېل بىلەن كۆك چاينىڭ ھەر قايسىسىدىن توققۇز گرامدىن ئېلىپ ئۇنى بىر چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، ھەر خىل تولغاققا شىپا بولىدۇ.7) خام زەنجىۋىلنى چاناپ، ئۇنىڭغا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ ۋە ئازراق ئۇن قوشۇپ ئارىلاشتۇرپ، ئۇنى بەدەندىكى قايرىلىپ كەتكەن جايغا تېڭىپ بەرسە، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ

خام زەنجىۋىلنى سوقۇپ سۈيىنى پاختا بىلەن كۆيۈپقالغان جايغا سۈرتسە قاپارتقۇ چىقمايدۇ. ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىششىق ياندۇرىدۇ ۋە ئاغرىقنى توختىتىدۇ. يىرىڭلاشتىن ساقلايدۇ.

مەنبە: شىنخۇا تورى) ئادىل ئاقيول تەرجىمىس





收藏 已赞