ئاۋۇسترالىيەگە ساياھەت قىلىشىڭىزدىكى بەش ئىسىل مەنزىل

2015年02月21日 SydneyMall



SydneyMAll

.دېگەن خەتنى بېسىپ سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ

.ئاۋۇسترالىيە ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى، قىزىقارلىق ئۇچۇرلىرى يوللۇنۇپ تۇرىدۇ


ئاۋۇسترالىيەگە ساياھەت قىلىشىڭىزدىكى بەش ئىسىل مەنزىل


Australia ئاۋۇسترالىيە


ئاۋۇسترالىيە، جەنۇبىي يېرىم شارىدىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى 23مېليون742 مىڭ. دۆلەت تىلى ئېنگىلىز تىلى. ئاۋۇسترالىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل دېڭىز ساھىللىرى، ھاياتى كۈچكە تولغان كاتتا شەھەرلىرى شۇنداقلا كەم ئۇچرايدىغان بۇلغۇنىشتىن خالىي تەبىئىي مەنزىرىلىرى بىلەن ھەريىلى مېللىيونلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلىدۇ.




Sydney سېدنىي شەھىرى

سېدنىي ئاۋۇسترالىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھىرى بولۇپلا قالماي يەنە پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد مەركىزىدۇر. ئاۋۇسترالىيەنىڭ سىموۋۇللۇق قۇرۇلۇشى بولغان ئوپېرا ئىمارېتى شەھەرنىڭ ئەڭ كۆركەم دېڭىزگىرۋەكلىرىگە جايلاشقان. سېدنىينىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىنتايىن يېقىشلىڭ، مەنزىرىسى ئالاھىدە گۈزەل بولغاچقا ئاۋۇسترالىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەب ئۆي مۈلۈك ۋە تۇرمۇش تەننەرخىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت شەھەرلەرنىڭ بىرى. قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇ خەلقئارالىق شەھەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن كەلگەن مىللەتلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆپخىل مەدەنىيەت ئامىللىرى قەدىمدە ئۇچراپ تۇرىدۇر. ئەگەر سىزساياھەتكە كېلىپ قالسىڭىزمۇ قىينالمايسىز، چۈنكى بۇ شەھەردە ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن بەشى بار بولۇپ، تاماقلىرىنىڭ تەمى ئۇرۈمچىدىكى ئاشخانىلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.




گو لد كوست GoldCoast


تروپىك سىزىقىغا يېققىن شىمالى كۋىنسلەند شىتاتىنىڭ گۈزەل دېڭىزقىرغاقلىرىغا جايلاشقان گولد كوست ئاۋۇسترالىيە بويىچە ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇدۈبەي ۋە جۇڭگولۇق باي ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان جايدۇر. .بىر تەرىپى كۆپكۆك دېڭىزبىلەن گىرەلەشكەن يەنە بىر تەرىپى بولسا ياپيېشل ئورمانلىق بىلەن تۇتاشقان بۇ شەھەر "سۇ ئۈستىدىكى شەھەر" دېگەن نامى بىلەنمۇمەشھۇر. گولد كوستتا يەنە دىسنىي باغچىسىدىن قېلىشمايدىغان "چۇش دۇنياسى"، "ۋوللىۋود كىنو دۇنياسى" ۋە" ئوكيان دۇنياسى" قاتارلىق چوڭ كۆلەمدىكى باغچىلاردىن ئۈچى بار. 15كېلومېتىرغا سوزۇلغان " دولقۇن تېيىلغۇچىلارجەننىتى" ساھىلى بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سۇ ئۈستى تەنتەربىيىسى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلانى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. گولد كوست خۇددى ئامېرىكىنىڭ لاسۋېگاس شەھىرىگە ئوخشاش داڭلىق ساياھەت ۋە ئويۇن-تاماشا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن خەلقئارالىق شېركەتلەرنى مەبلەغ سېلىپ سودا قىلىشقا قىززىقتۇرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالدىقى قاتارىدىكى ئۆي مۈلۈك كارخانىسى بولغان دالىيەن ۋەندا گۇروھىمۇ2014-يىلى 900$ مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ گولد كوستنىڭ ئەڭ ئىسىل يېرىگە بەش يۇلتۇزلۇق مېىمانخانا سېلىۋاتىىدۇ.



Cairns كەنىس شەھىرى

كەنىس ئاۋۇسترالىيەنىڭ شىمالىي بۇرجىكىدىكى داڭلىق ساياھەتچىلىك شەھىرى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 156،190. كەنىس يىل بويى ياز بولىدىغان يېقىملىق كېلىماتى ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك مارجان ئاراللىرى، شۇنداقلا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېڭىزئاستى يوسۇنلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە تۈرتكە بولغىنى كەنىسدىكى دۇنيا بويىچە بىر-دىنبىر ئالاھىدە دېڭىز ئاستى مەنزىرىسى ساياھىتى بولۇپ، سىزكەسپى دېڭىزشۇڭغۇقۇچىسىنىڭ ھەمرالىقىدا دېڭىز ئاستىغا كىرىپ كۈرمىڭلىغان رەڭگارەڭ دېڭىز يوسۇنلىرى ۋە كەم ئۇچرايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ بېلىقلار بىلەن قورشالغان ھالدا خۇددى ئافىنا دېڭىز ئاستى رىۋايەتلىرى رېئاللىققا ئايلانغان ھىسسىياتقا چۆمۇسىز. باشقا دۆلەتلەردە ساياھەتچىلەرماشىنا ئىجارىگە ئالسا، كەنىىسقا كەلگەن باي ساياھەتچىلەركۆپۈنچە ھەشەمەلىك پاراخوت ۋە شەخسىي ئارال ئىجار

ىگەن ئېلىپ دۇنيا ۋاراڭ-چۇڭىدىن خالىي دەم ئالىدۇ.


Melbourne مېلبورىن


مېلبورىن شەھىرى ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى بولۇپ نوپۇسى4 مىليون. مېلبورىن يېشىللىق بىلەن قاپلىنىشى، مائارىپ سېستىمىسى ۋە ئۇلئەسلىھە قۇرۇلىشى پۇتۇن ئاۋۇسترالىيە بويىچە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. 2011،2012،2013،ۋە 2014- يىللىق خەلىقئارالىق "دۇنيا بويىچە ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر" باھالىشىدا ئۇدا 4 يىل بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا ئۆي باھاسىمۇ شىددەت بىلەن ئۆسىۋاتىدۇ. مېلبورىن نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرۋە سەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆپ ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋۇسترالىيەنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى دەپ نام ئالغان. ئۆزىمىزمۇ ئاۋۇسترالىيەنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇشەھەرنى لايىق كۆرۈپ ئورۇنلىشىپ قالدۇق. مېلبورىن شەھىرىدىن پەقەت بىرسائەت ماشىنا ھەيدىسەك، بىر تەرىپى كۆپكۆك دېڭىز، يەنە بىرتەرىپى بولسا ياپيېشىل قارىغايلىققا تولغان 243 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى" ئۇلۇغ ئوكيان يولى ساياھەت رايونىغا يېتىپ بارىمىز




Canberra كانبېررا

كانبېررا ئاۋۇسترالىيەنىڭ سىياسىي پايتەختى. مەشھۇركۆل ئۈستىگە سېلىنغان دۆلەت پارلامېنىت سارىيى، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ئاۋۇسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىل ىئىشخانىسى ۋە فېدىراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى مەزكۇر شەھەرنىڭ نەق ئوتتۇرىغاجايلاشقان. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاۋۇسترالىيەدىكى باش ئەلچىخانىلىرىمۇ بۇشەھەرگە قۇرۇلغان. كانبېررا ئاۋۇسترالىيەدىكى بىردىنبىر پىلانلاپ سېلىنغان شەھەربولۇپ، 1908– يىلى پايتەخت بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن شۇ چاغلاردىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە قابىلىيەتلىك چېكاگولۇق ئارخېتىكتور ۋالتېر بۇرلېي تەرىپىدىن لاھىيەلەنگەن ۋە 10 يىلغا يېققىن ۋاقىتتا پۈتكۈزۈلگەن. بۇ شەھەردىكى ئەڭ مەشھۇر ساياھەت بولسا گازلىق شارىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىنى بوشلۇقتىن ساياھەت قىلىشتۇر.



收藏 已赞