بىدە كۆكىنى ھەرگىز يىمەڭ

2015年04月08日 AUBAZAR澳洲购物




(1) بېدە كۆكى كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.

(2) ئەتىيازدا بېدە كۆكى يەپ بەرسە چاچ چۈشۈش ۋە چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

(3) بېدە كۆكىنى ئېزىپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىششىغان جايغا چاپسا ئىششىقنى ۋە ياللۇغنى قايتۇرىدۇ

(4) بېدە كۆكىنى ئېزىپ، سۇس ئوتتا قۇرۇپ قايماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە يەپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇرىدۇ ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

(5) بېدە كۆكىنى قۇرۇتۇپ چاي دەملەپ ئىچسە، قورساقنى ئاچۇرۇپ ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ۋە قاندىكى ماينى سېرىيدۇ.

(6) بېدە كۆكىنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە پەي تارتىشىشقا شىپا بولىدۇ.

(7) بېدە كۆكىنى ئېزىپ پىشۇرۇپ، ئۇنىڭغا شېكەر قوشۇپ يەپ بەرسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ قاننى كۆپەيتىدۇ

(8) بېدە كۆكىنى قاينىتىپ تىندۇرۇلغان سۈيى بىلەن مەقئەتنى يۇيسا قان توختايدۇ.

(9) قۇرۇتۇلقان بېدە كۆكىنى سۇقۇپ مەلھەم قىلىپ، سۈيىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە قان بۇزۇلۇشتىن بولغان بەدەن قىچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە تېرىنى پارقىرتىدۇ.

(10) بېدە ئۈندۈرمىسىنى تېتىتقۇ بىلەن تەڭشەپ يەپ بەرسە، ئۇرۇق ئادەمنى سەمرىتىدۇ . مەيدىنى بوشىتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىدۇ ، دېئابىت كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

(11) بېدە، پالەك، كۆك پۇرچاق مايسىسى قاتارلىق كۆكتاتلار بىلەن ئۆرۈك، ئەنبەھ، ماڭگو قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەرنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، يېمەكلىك تۈرىدىكى كارۇتىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ۋىتامىن A كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان كۆز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

(12) تىكەنلىك بېدە تەركىبىدە كاروتىن كۆپ بولۇپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.





收藏 已赞