ئاۋۇسترالىيەگە ساياھەت قىلىشىڭىزدىكى بەش ئىسىل مەنزىل

2015年03月01日 SydneyMall



SydneyMAll

دېگەن خەتنى بېسىپ سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ

.ئاۋۇسترالىيە ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى، قىزىقارلىق ئۇچۇرلىرى يوللۇنۇپ تۇرىدۇ

سالونىمىز ئاۋۇسترالىيەنىڭ مېلبورىن شەھرىدە قۇرۇلغان

.شېركىتىنىڭ رەسمى ئۈندىدار سالونى Bugda



ئاۋۇسترالىيەگە ساياھەت قىلىشىڭىزدىكى بەش ئىسىل مەنزىل




Australia ئاۋۇسترالىيە


ئاۋۇسترالىيە، جەنۇبىي يېرىم شارىدىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى 23مېليون742 مىڭ. دۆلەت تىلى ئېنگىلىز تىلى. ئاۋۇسترالىيە گۈزەل دېڭىزساھىللىرى، ھاياتى كۈچكە تولغان كاتتا شەھەرلىرى شۇنداقلا دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان بۇلغۇنىشتىن خالىي تەبىئىي مەنزىرىلىرى بىلەن ھەريىلى مېللىيونلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلىدۇ. خەلقئارالىق ئىستاتىسكىلاردا "دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت" باھالىنىدىغان بۇ دۆلەتتە 3500دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. تۆۋەندە بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ئېسىل بەش جاينى كۆرۈپ باقايلى

Sydney سېدنىي شەھىرى

سېدنىي شەھىرى ئاۋۇسترالىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھىرى بولۇپلا قالماي يەنە پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد مەركىزىدۇر. ئاۋۇسترالىيەنىڭ سىموۋۇللۇق قۇرۇلۇشى بولغان ئوپېرا ئىمارېتى شەھەرنىڭ ئەڭ كۆركەم دېڭىزگىرۋەكلىرىگە جايلاشقان. سېدنىينىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىنتايىن يېقىشلىق، مەنزىرىسى ئالاھىدە گۈزەل بولغاچقا ئاۋۇسترالىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەب ئۆي مۈلۈك ۋە تۇرمۇش تەننەرخى جەھەتتىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت شەھەرلەرنىڭ بىرى. قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇ خەلقئارالىق شەھەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن كەلگەن مىللەتلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆپخىل مەدەنىيەت ئامىللىرى قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدۇر. ئەگەر سىزساياھەتكە كېلىپ قالسىڭىزمۇقىينالمايسىز، چۈنكى بۇ شەھەردە ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن بەشى بار بولۇپ، تاماقلىرىنىڭ تەمى ئۇرۈمچىدىكى ئاشخانىلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.






گولد كوست Gold Coast


تروپىك سىزىقىغا يېققىن شىمالى كۋىنسلەند شىتاتىنىڭ گۈزەل دېڭىزقىرغاقلىرىغا جايلاشقان گولد كوست ئاۋۇسترالىيە بويىچە ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇدۈبەي ۋە جۇڭگولۇق باي ساياھەتچىلە ئەڭ كۆپ كېلىدىغان جايدۇر. .بىر تەرىپى كۆپكۆك دېڭىزبىلەن گىرەلەشكەن يەنە بىر تەرىپى بولسا ياپيېشل ئورمانلىق بىلەن تۇتاشقان بۇ شەھەر "سۇ ئۈستىدىكى شەھەر" دېگەن نامى بىلەنمۇمەشھۇر. گولد كوستتا يەنە دىسنىي باغچىسىدىن قېلىشمايدىغان "چۇش دۇنياسى"، "ۋوللىۋود كىنو دۇنياسى" ۋە" ئوكيان دۇنياسى" قاتارلىق چوڭ كۆلەمدىكى باغچىلاردىن ئۈچى بار. 15كېلومېتىرغا سوزۇلغان " دولقۇن تېيىلغۇچىلارجەننىتى" ساھىلى بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سۇ ئۈستى تەنتەربىيىسى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلانى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. گولد كوست خۇددى ئامېرىكىنىڭ لاسۋېگاس شەھىرىگە ئوخشاش داڭلىق ساياھەت ۋە ئويۇن-تاماشا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن خەلقئارالىق شېركەتلەرنى مەبلەغ سېلىپ سودا قىلىشقا قىززىقتۇرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالدىقى قاتارىدىكى ئۆي مۈلۈك كارخانىسى بولغان دالىيەن ۋەندا گۇروھىمۇ2014-يىلى 900$ مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ گولد كوستنىڭ ئەڭ ئىسىل يېرىگە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا سېلىۋاتىىدۇ.






مېلبورىن Melbourne


مېلبورىن شەھىرى ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى بولۇپ نوپۇسى4 مىليون. يېشىللىق بىلەن قاپلىنىشى، مائارىپ سېستىمىسى ۋە ئۇلئەسلەھە قۇرۇلىشى پۇتۇن ئاۋۇسترالىيە بويىچە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. 2011،2012،2013،ۋە 2014 - يىللىق خەلىقئارالىق "دۇنيا بويىچە ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر" باھالىشىدا ئۇدا 4 يىل بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا ئۆي باھاسىمۇ شىددەت بىلەن ئۆسىۋاتىدۇ. مېلبورىن نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرۋە سەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆپ ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن،ئاۋۇسترالىيەنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى دەپ نام ئالغان. مېلبورىن شەھىرىدىن پەقەت بىرسائەت ماشىنا ھەيدىسەك، بىر تەرىپى كۆپكۆك دېڭىز يەنە بىر تەرىپىي ياپيېشىل قارىغايلىققا تولغان 243كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دائىرىدىكى " ئۇلۇغ ئوكيان يولى" ساياھەت رايونىغا يېتىپ بارىمىز. شەخسەن ئۆزەممۇ ئاۋۇسترالىيەدە 9 يىل ئۆگۈنۈش ۋە خىزمەت جەريانىدا كۆپلىگەن جايلارنى كۆرۈپ ئاخىرى مېلبورىن شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالدىم.







Cairns كەنىس



كەنىس ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئەڭ شىمالىي بۇرجىكىدىكى داڭلىق ساياھەتچىلىك شەھىرى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 156،190. كەنىس يىل بويى ياز بولىدىغان يېقىملىق كېلىماتى ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك مارجان ئاراللىرى، شۇنداقلا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېڭىزئاستى يوسۇنلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشكە تۈرتكە بولغىنى كەنىسدىكى دۇنيا بويىچە بىر-دىنبىر ئالاھىدە دېڭىز ئاستى مەنزىرىسى ساياھىتى بولۇپ، سىز كەسپى دېڭىزشۇڭغۇقۇچىسىنىڭ ھەمرالىقىدا دېڭىز ئاستىغا كىرىپ رەڭگارەڭ دېڭىز يوسۇنلىرى ۋە كەم ئۇچرايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ بېلىقلار بىلەن قورشالغان ھالدا خۇددى ئافىنا دېڭىز رىۋايەتلىرى رېئاللىققا ئايلانغان ھىسسىياتقا چۆمۈسىز.





Canberra كانبېررا


كانبېررا ئاۋۇسترالىيەنىڭ سىياسىي پايتەختى. مەشھۇركۆل ئۈستىگە سېلىنغان دۆلەت پارلامېنىت سارىيى، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ئاۋۇسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىشخانىسى ۋە فېدىراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى مەزكۇر شەھەرنىڭ نەق ئوتتۇرىغا جايلاشقان. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاۋۇسترالىيەدىكى باش ئەلچىخانىلىرىمۇ بۇشەھەرگە قۇرۇلغان. كانبېررا ئاۋۇسترالىيەدىكى بىردىنبىر پىلانلاپ سېلىنغان شەھەربولۇپ، 1908– يىلى پايتەخت بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن شۇ چاغلاردىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە قابىلىيەتلىڭ چېكاگولۇق ئارخېتىكتور ۋالتېر بۇرلېي تەرىپىدىن لاھىيەلەنگەن ۋە10 يىلغا يېققىن ۋاقىتتا پۈتكۈزۈلگەن. بۇ شەھەردىكى ئەڭ مەشھۇر ساياھەت بولسا گازلىق شارىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ۋە شەھە

ر ئەتراپىنى بوشلۇقتىن ساياھەت قىلىشتۇر.



سالونىمىزدىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلار چەمبىرىگىدە ھەمبەھىرلىنىشنى ئۇنۇتماڭ. ئەڭ يېڭى خەۋەر-ئۇچۇرلار، ئەڭ قىزىقارلىق تېمىلار يولۇلۇنۇپ تۇرىدۇ. دۇنيا ۋە ئاۋۇسترالىيە ساياھەتچىلىكى، مائارىپ، مەبلەغ سېلىش توغۇرلۇق ئۇچۇرلار ۋە ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئەڭ ئىسىل، ئىشەنچلىك مەھسۇلارلىرىمۇ تونۇشتۇرىلىدۇ.



收藏 已赞