بوۋاقلارنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش

2015年03月19日 AUBAZAR澳洲购物



دۇنيادا ھەر يىلى 10 مىليوندىن ئارتۇق بالىلار بەش ياشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق بالىلاربىۋاستە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن،5 مىليوندىن ئارتۇق بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن باشقا كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى نورمال بالىلارنىڭكىدىن 5 ھەسسىدىن 20 ھەسىگىچە يۇقىرى بولىدۇ.ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدا ئىلمىي بولمىغان ئوزۇقلاندۇرۇش مەسىلىلىرى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. (بولۇپمۇ بىر ياشتىن بۇرۇن )4ئايلىق بولۇشتىن بۇرۇن ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەن ،بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى بەك بالدۇر، ياكى بەك كېچىكىپ تولۇقلارش مەسىلىلىرى ئىنتايىن ئېغىر

ئانا سۈتى 4 ئايغا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقالايدۇ. شۇڭا بوۋاقلار 4 ئايغا توشۇشتىن بۇرۇن قوشۇمچە يىمەكلىكلەرگە مۇھتاج بولمايدۇ،4 ئايغا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىسى تولۇق تەرەققىي قىلمىغاچقا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى تولۇق ھەزىم قىلالماي ئىچى سۈرۈشنى ۋە ئوزۇقلۇق يتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،قوشۇمچە يىمەكلىكلەر ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋىلىپ بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىنى ئاز ئېمىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئانا سۈتىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ ۋە بالىغا ئوزۇ قلۇق يېتىشمەس بولۇپ قالىدۇ. (نىمىلا دىگەن بىلەن قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئانا سۈتىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ.)بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىك يىگەندە ئانا سۈتىنى ئاز ئېمىپ ئانا سۈتىنىڭ تەركىۋىدىكى كىسەلگە قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنى ئاز قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاقنىڭ ئىمممۇنت كۈچى ياخشى تەررەققى قىلالماي ئاجىز ۋە ئاغرىقچان بولۇپ قالىدۇ. نىمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىىكلەرنى بەك كېيىن بېرىشمۇ خەتەرلىك دەيمىز؟

بوۋاقلار 6 ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئانا سۈتى تەركىۋىدىكى تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەي قان ئازلىق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا بوۋاقلار تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغان تۇخۇم سېرىقى، جىگەر، يېشىل سەي قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارغا مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر يۇقارقى قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا قاتمىغاندا بالىدا قان ئازلىق پەيدا بولۇپ بەدەن ئاجىزلايدۇ. قان ئازلىق بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بوۋاقلار 6 ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئانا سۈتى تەركىۋىدىكى ئاقسىل مىقدارى يېتىشمەي بالىدا ئاقسىل يېتىشمەسلىك كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا بوۋاقلارغا ئاقسىل مىقدارى مول بولغان ھەم ئاسان سىڭىدىغان تۇخۇمنىڭ ئېقى پۇرچاق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى قېتىش كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق ئېزىلگەن گۆش بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر يۇقارقى يىمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا قاتمىغاندا بالىدا ئاقسىل كەملىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە بەدەن ئاجىزلىق كېلىپ چىقىپ بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاپ قالىدۇ ياكى توختاپ قالىد

بوۋاقلار 6 ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئۆزى ئولتۇرالايدۇ ۋە ئۆمىلەشكە باشلاپ ھەركەت مىقدارى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۆپىيىدۇ ۋە ئېنىرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى زورىيىدۇ. بۇ چاغدا بوۋاقلار بۇلماق، شىكەر، ھەسەل، ۋە ماي قاتارلىق ئېنىرگىيە مىقدارى زىچ بولغان يىمەكلىكلەرگە مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا يۇقارقىدەك قوشۇمچە يىمەكلىلكەرنى قاتمىغاندا بوۋاقلار سەمرىشتىن توختاپ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئاستىلاپ قالىدۇ.

بوۋاقلار چوڭ بولغانسىرى ئانا سۈتىدىكى ۋىتامىن ۋە كالتىسىي، زىنىك قاتارلىق مىكرو ئېلمىنتلار يېتىشمەسكە باشلايدۇ. شۇڭا 6 ئايلىق بولغاندىن كىيىن چوقۇم تەركىۋىدە ۋىتامىن ۋە مىكروئېلمىتلار كۆپ بولغان ھەرخىل مېۋە-چېۋە ۋە سەي-كۆكتاتلارنى قوشۇمچە يىمەكلىك قىلىپ قېتىش كېرەك. ئەگەر ۋاقتىدا مىۋە سۈيى ۋە سەي-كۆكتاتلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرمىغاندە بوۋاقلارنىڭ تېنى ۋە ئېممۇنىت كۈچى ئاجىزلاپ ئاغرىقچان بولۇپ قالىدۇ.1)

بالىلار تۇغۇلۇپ ئالدىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە ئانا سۈتىنى ئاساس قىلىپ ئوزۇقلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بالىلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك بەرگەندىمۇ ئاساسلىقى سۇيۇق يېمەكلىكلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. بەزىلەر بالىلىرى تۇغۇلۇپ بىرەر-ئىككى ھەپتە ئۆتىشىگىلا لەغمەن، پولولارنى چايناپ يېگۈزۈشكە باشلايدۇ. ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ گەرچە دوختۇرنىڭ كۆسەتمىسى بويىچە چايناپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كېچىكتۈرۈش خىيالى بولسىمۇ، لېكىن چوڭلارنىڭ ”بىزمۇ سېنى مۇشۇنداق باققان، مانا ساپساق تۇرۇشمامسەن! مۇشۇ زاماننىڭ بالىلىرى ئەجەب بىلەرمەن“ دېگەندەك گەپلىرى بىلەن چوڭلار بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. (دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەۋسىيەسى: بوۋاقلارغا 6 ئايدىن كىيىن قوشۇمچە يىمەكلىك بەرسە بولىدۇ. 4 ئايلىقتىن 6 ئايلىق بولغىچە قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى تېتىتىپ كۆندۈرۈشكە باشلىسا بولىدۇ.)

بوۋاقلار ئۈچۈن ئوزۇقلۇق بۇلمىقى تەييارلاش 1)

بالىلارنىڭ سالامەتلىكى، ئۇلارنىڭ پەقەت بوۋاقلىق ياكى بالىلىقتىكىلا ئەمەس، بىر ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقى بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى بولغانلىقتىن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە مۇرەسسە قىلىشماسلىق لازىم. ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلار نېمە ئۈچۈن چايناپ يېيىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى بوۋاقلارغا بەك بالدۇر بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ماھىيىتىدىن يېتىپ چۈشەنگەندە، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ تاماقلارنىڭ ئورنىغا ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان، بالىلارغىمۇ ھېچقانداق زىيىنى بولمىغان تاماقلارنى بېرەلىگەندە چوڭلارمۇ ئاسانلا قايىل بولىدۇ ۋە بۇ يەردە ھېچبىر تالاش-تارتىش مەسىلىسى كېلىپ چىقمايدۇ

بۇ تېمىدا 6-9 ئايلىق بوۋاقلارغا شۇلارغا ماس كېلىدىغان ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان يېمەكلىكتىن مېۋە بوتقىسىنى تەييارلاشنى تونۇشتۇرماقچى.

بالىلار 3-4 ئايلىق بولۇشى بىلەنلا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا دۇكاندىن قىممەت باھالىق كونسېرۋا قۇتىلىق مېۋە بوتقىلىرىنى (بۇلماقلىرىنى) ئېلىپ يېگۈزۈشكە باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ نەرسىنى بازاردىن سېتىۋېلىشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇنى ئۆيدە ياساش ئاسان بولۇپلا قالماي، يەنە بازاردىن سېتىۋالغىنىڭىزغا قارىغاندا پاكىز، ئىشەنچلىك ھەم كۆپ ئەرزان توختايدۇ.

بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: بالىغا بەرمەكچى بولغان مېۋە ياكى كۆكتاتنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ يۇمشاق پىشقۇچە قاينىتىمىز، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ مېۋە ئېزىش ماشىنىسى ياكى مېۋە شەربىتى چىقىرىش ماشىنىسىغا سېلىپ يۇمشاق بولغۇچە ئېزىمىز. ئەگەر بۇ نەرسىلىرىمىز بولمىسا قوشۇقنىڭ كەينى بىلەن بېسىپ ئەزسەكمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر دېگەندەك سۇيۇق بولماي قالغان بولسا قايناتقان سۇدىن بىرەر قوشۇق ئېلىپ سۇيۇلدۇرۇپ، ئاندىن كىچىك قۇتىلارغا سېلىپ توڭلاتقۇنىڭ توڭلايدىغان يېرىگە سېلىپ قويۇپ، بالىغا بەرمەكچى بولغاندا ئېلىپ بىردەم قويساق، ياكى قۇتىنى سۇغا چىلاپ قويساق بىردەمدىلا ئېرىيدۇ.

مېۋە ياكى كۆكتات بوتقىسى قىلىشقا سەۋزە، بانان، ئالما، كۆك پۇرچاق، نەشپۈت، بەرەڭگە، تاتلىق بەرەڭگە قاتارلىقلار ئەڭ ماس كېلىدۇ.

سەۋزە ياكى كۆك پۇرچاقتىن بوتقا ياسىغاندا ئەگەر بالىلىرىمىز تەمىنى ياقتۇرماي قالسا، ئازراق بانان ياكى ئالما قاتارلىق تەركىبىدە شېكەر ماددىسى كۆپرەك بولغان مېۋە بىلەن قوشۇپ يېگۈزسەك بولىدۇ. لېكىن ئامال بار شېكەر قوشۇشتىن ساقلىنىڭ.

باناننىمۇ چوقۇم قاينىتىمىز. بولمىسا بوۋىقىڭىزنىڭ ئاشقازىنى بانانى ھەزىم قىلالماي قورسىقىنى ئاغرىتىپ قويىدۇ. ئالمىنىڭ چوقۇم پوستىنى سويۇۋېتىڭ. چۈنكى ئالمىنىڭ پوستىدا زور مىقداردا يېمەكلىك تالاسى بار، بۇ نەرسە چوڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولغىنى بىلەن بالىلارنىڭ ئاشقازىنىغا ئېغىر كېلىد




收藏 已赞