بالىڭىز ئەمدى قەۋزىيەتتىن قۇتۇلسۇن

2015年04月08日 AUBAZAR澳洲购物




قەۋزىيەت بالىلاردا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئادەتتە بالىلار بىر ھەپتىدە 3 قېتىمدىن ئاز چوڭ تەرەت قىلسا، چوڭ تەرەت قىلغاندا قىينالسا ياكى ئاغرىسا، ۋە چوڭ تەرىتى قاتتىق، قۇرۇق ۋە زىيادە چوڭ بولسا قەۋزىيەت بولىشى مۇمكىن.

بالىلاردىكى قەۋزىيەتتىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە ھەركەت قىلىش ياكى چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق داۋالىغىلى ھەم ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بالىلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ ئالامەتلىرى

بالىلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ ئالامەتلىرى

قەۋزىيەت بولغان بالىلارنىڭ ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن: ئىشتىھاسى ناچارلاش، تاماق يەيدىغان ۋاقتى بولغاندىمۇ قوسىقىم توق دېيىش، قوسىقى ئاغرىش، يەل كۆپ كىلىش، قوسىقى ئېسىلىش، چوڭ تەرەت قىلغاندا ئاغرىدى دىيىش، چوڭ تەرەت قىلغاندا ھەددىدىن ئارتۇق كۇچاش ياكى ئىنجىقلاش، چوڭ تەرىتىدە ياكى تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن سۈرتكەندە ئازراق قان بولۇش قاتارلىقلار.

ئاتا ئانىلار شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى: ھەرقانداق بىر بالىنىڭ چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدۇ. بەزى نورمال بالىلار كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدۇ، يەنە بەزى نورمال بالىلار 3 كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىشى مۇمكىن. پەقەت بالىڭىزنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى نورمال ۋاقتىدىكىدىن ئازلاپ كەتسە، ۋە چوڭ تەرىتى نورمال ۋاقتىدىنكىدىن قاتتىقلاپ كەتسە، شۇنداقلا يۇقىرىدا ئېيتقان قەۋزىيەتنىڭ ئالامەتلىرى بولسا ئاندىن بالىڭىزدا قەۋزىيەت بولىشى مۇمكىن.

بالىلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەپلىرى


بالىلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ ئەڭ كۆپ سەۋەپلىرىدىن بىرى بولسا تامىقىدا سۇيۇقلۇق ۋە تالا ماددىسىنىڭ يېتىشمەسلىكىدە، چۈنكى سۇ ۋە تالا ماددىسى ئۈچەينىڭ تازىلىنىپ تۇرۇشى ۋە ئۈچەي ھەركىتىنىڭ نورمال بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەخلەت يىمەكلىكلەر، بولۇپمۇ كېنتاكى، مايدا پۇشۇرۇلغان ياڭيۇ، كولا، ھامبۇرگ توقىچى، كەمپۈت، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن پىچىنە، سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلغاندا سۇيۇقلۇق ۋە تالا ماددىسى ئاز بولغاچقا، بالىلاردا قەۋزىيەت كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.

بوۋاق بالىلاردا 5-6 ئايدىن باشلاپ قوشۇمچە يىمەكلىك بېرىلىدىغان بولۇپ، قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قاتقاندا، ياكى چوڭراق بالىلارغا قوشۇمچە يىمەكلىكلەردىن چوڭلار تامىقىغا ئالماشتۇرغاندا قەۋزىيەت كۆرىلىشى مۇمكىن. (ئۇيغۇرلاردا بالىلىرىغا قوشۇمچە يىمەكلىكلەر ۋە تاماقنى بەك بالدۇر قېتىش ئادىتى بولۇپ، تېخىمۇ كىچىك بوۋاقلاردا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)

بالىلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەپلىرى

بالىلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەپلىرى

بەزى ۋاقىتلاردا، بالىلارغا قان ئازلىق سەۋەبىدىن تۆمۈر تولۇقلايدىغان دورىلار ۋە بالىلاردىكى خامۇشلۇق كىسىلىنى داۋالايدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا بالىلارنىڭ قەۋزىيەت بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بەزى بالىلار چوڭ تەرىتى قىستاپ كەتسىمۇ ئويۇنغا بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆيدىن باشقا يەردە تەرەت قىلماسلىق ئۈچۈن، ياكى ئاتا-ئانىسىدىن باشقا چوڭلارغا دىيىشتىن خىجىل بولۇپ ئوبۇرنىغا كىرمەيدۇ. چوڭ تەرەت ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنسىرى تەرەت قاتتىقلىشىپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (چوڭ ئۈچەينىڭ ئاساسلىق رولى چوڭ تەرەتتىكى سۇ مىقدارىنى سۈمۈرۈش)

يېڭىدىن مەكتەپ ياكى يەسلىگە كىرىش ۋە ئائىلىدىكى جىدەل ماجرغا ئوخشاش روھى بېسىم، ئەنسىزلىك، ۋە جىدديلىشىش قاتارلىق پىسخىكا ئامىللىرىمۇ ئۈچەينى لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

”ئۈچەي غىدىقلىنىش يىغىندا ئالامەتلىرى“ دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىسەل بولۇپ، روھى ئامىللاردىن ياكى مەلۇم ئاچچىق ياكى مايلىق يىمەكلىك سەۋەبىدىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كىسەل بەزىدە ئىچى سۈرۈش بولۇپ ئىپادىلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت بۇنداق بالىلاردا يەنە قوساق ئاغرىش، يەل كۆپ كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم بالىلاردىكى قەۋزىيەت بولسا باشقا كىسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى بولۇپ، قەۋزىيەت 2-3 ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كىسەللىك بار يوقلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك.

1. بالىڭىزغا كۆپرەك سۇيۇقلۇق بېرىڭ. سۇنى كۆپ ئىچكەندە ياكى سۇيۇقلۇققا مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا چوڭ تەرەت ئۈچەيدە تېخىمۇ ئاسان يۆتلىكەلەيدۇ. بالىلاردىكى نورمال بولغان سۇ ئىچىش مىقدارى بالىنىڭ يېشى ۋە ئېغىرلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئادەتتە 3-4 ئىستاكان سۇ ئىچىشى كېرەك. ئەگەر بالىڭىزغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشقان ۋاقىتتا چوڭ تەرىتى قېتىپ قالسا كۈندە 30-50 مىللىلىتىرغىچە قارا ئۈرۈك شەربىتى ئىچكۈزۈپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر قەۋزىيەت ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتسە ياكى بالا بىئارام بولسا بەلكىم كىسەللىك سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن، شۇڭا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باققىنىڭىز ياخشى.

بالىلاردىكى قەۋزىيەتنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش

2. بالىڭىزغا يىمەكلىك تالاسىنى كۆپرەك بېرىڭ. يىمەكلىك تالاسى ھەزىم بولمايدىغان بولۇپ،چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەي يولىدا مېڭىشىنى راۋانلاشتۇرىدۇ. مىۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات، قارا ئاشلىق قاتارلىق يىمەكلىكلەردە تالا ماددىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، قەۋزىيەتنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ. ئەكسىچە مايلىق، تاتلىق، ۋە ئاق ئۇندا تەييارلانغان يىمەكلىكلەر ئۈچەي ھەركىتىنى ئاستىلىتىپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار ياخشى كۆرىدىغان تالالىق يىمەكلىكلەردىن ئالما، بانان، ئاپلىسىن، قوماچ، پۇشۇرۇلغان قوناق، ئوتتا قاقلىنىپ پۇشۇرۇلغان ياڭيۇ، ئارپا يىمەكلىكلىرى قاتارلىقلار بار.

4. بالىڭىزنى كۆپرەك ھەركەتلەندۈرۈڭ ياكى چېنىقتۇرۇڭ. ھەركەت قىلغاندا ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشى تىزلىشىپ تۇرۇپ قالغان چوڭ تەرەتلەرنىڭ چىقىپ كېتىشى تېزلىشىدۇ. دائىم سىرتقا چىقىپ ۋېلسىپىت مىنىش، چەمبىرەك ئايلاندۇرۇش، ئۇچار تەخسە ئويناش قاتارلىق ئاددىي ھەركەتلىنىپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى بار.

5. بالىڭىزدا ۋاختىدا تاماق يەيدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ. تاماق يىيىشمۇ ئۈچەي ھەركىتىنى غىدىقلايدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، ۋاختىدا تاقام يىيىش ئادىتى رېتىملىق چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئەگەر بالىڭىز ئەتىگەندە جىدديلىشىپ مەكتەپكە ئالدىرايدىغان بولسا بالدۇرراق ناشتىلىقىنى تەييارلاپ، سۇخانىدا ئۇزۇنراق ئولتۇرۇشقا ۋاقىت ھازىرلاپ بېرىڭ.

6. بالىڭىزدا قەرەرلىك ھالدا چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. بالىڭىزنى ھەركۈنىنىڭ مۇقىم ۋاقتىدا كەم دىگەندە 10 مىنۇت ئوبۇرنىدا ئولتۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈڭ، تاماقتىن كىيىن ئۈچەي ھەركىتى تىزلەشكەچكە تاماق يەپ بولۇپ تەرەت قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

7. بالىڭىزغا قالايمىقان دورا بەرمەڭ. ئۆزىڭىز بالىلارغا قەۋزىيەت دورىسى ئېلىپ ئىچكۈزۈشتىن بۇرۇن چوقۇم بالىلار دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن دورا بېرىڭ.



【商品品牌】Infants’Friend Oral Liquid 口服液 100毫升

【商品含量】100ml

【商品产地】澳大利亚

Infants Friend 100ml 宝宝必备小药 缓解胀气便秘等

适合刚出生的新生儿至1岁的小孩,快速缓解肚胀气以及排便困难等婴儿易出现的毛病,使小孩晚上睡得香甜,不会有便秘的问题。每天给上几滴这个混合在冲好的奶粉中非常有作用,吃得饱睡得香。

【产品介绍】:

可缓解肚胀气绞痛。

可帮助减轻由于出牙期引起的的齿龈疼痛所带来的不适;

可帮助有规律的排便;

通过缓解儿童肚肠胀气,使幼儿睡眠平和安稳;

口感好。

بوۋاقلاردىكى تەرىتى راۋان بولـماسلىق ،قورسىقى كۆپۈش ،چۈچۈك قاتارلىقلارغا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ

【用法】:

每次喂食前或喂食后服用,也可二次喂食之间。用水送服也可直接服用.每次宝宝哭闹 亲不知道原因的时候就是肚子痛了 0岁就可以吃, 每次拿滴管 (这个要自己买的) 吸上后 滴5-10滴给宝宝吃,不用担心 每次滴的量不匀, 总之就5-10滴即可。

只要宝宝哭闹 拉不出来等, 就给吃上, 很快就缓和的, 而且睡眠也会好, 很神气的!

绝对全天然可放心使用!

【用量】:

每次用前请摇匀服用。

0-1个月婴儿:5-10滴

1个月-3个月:10-20滴

3-6个月:20-30滴

6-12个月为5毫升

【每100ml含量】:

肉桂油 0.04ml

碳酸镁 0.11g

碳酸氢铵 0.005g

莳萝籽油 0.00065ml

茴香油 0.0013ml

【储存方法】:请存储于30摄氏度以下。

温馨提示:

本产品没有配送滴管,需要自己去药店购买。

【四种帮宝宝顺气的小妙招】

1.让宝宝面对妈妈,靠在肩膀上,轻轻地揉或拍宝宝后背

2.让宝宝坐在妈妈的腿上,用你的手支撑宝宝的下巴,轻轻地揉或拍宝宝背部

3.让宝宝趴在妈妈大腿上,轻揉宝宝的背部,同时有助于提供舒适和安心

4.让宝宝在温暖的浴缸里放松,轻轻圆周按摩宝宝的小肚子,可纾缓,以及帮助宝宝排气

每次喂奶完,都要拍嗝。有时候拍不出来,一放在床上,宝贝就吐了。





收藏 已赞