قەۋزىيەتنىڭ داۋاسى تىپىلدى

2015年03月17日 AUBAZAR澳洲购物



(مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ۋە چوڭلارغا ماس كېلىدۇ

قەۋزىيەت گەرچە ئاددىي كېسەللىكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تۈپ يىلتېزىدىن داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغاندا، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، يۈرەك سانجىقى، سەكتە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، تۈز ئۈچەي راكى، ئەمچەك راكى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھا ياخشى بولماسلىق، ئېغىز ئاچچىق بولۇش، ئېغىز پۇراش، يەل كۆپ كېلىش، مەقئەت يېرىلىش، بوۋاسىر، تۈز ئۈچەي ياللۇغى، باش ئاغرىقى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندە مەن قەۋزىيەتلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۆرسەتمىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن



1.يېمەك-ئىچمەكىنى تەرتىپكە سېلىش لازىم. ئادەتتە يېمەك- ئىچمەك ھەر قانداق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ساقىيىشىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. جۈملىدىن قەۋزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ساقىيىشىدىمۇ يېمەك-ئىچمەك تۈپكى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قەۋزىيەت بىلەن ئاغرىغانلار ئاسان ھەزىم بولىدىغان، لەتىف غىزالاردىن ھەسەل سۈيى، نارىن چۆپ، باچكا گۆشى، چۆپ ئاش، كاكچا نان، پاقلان گۆشى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ، تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەللىك، قۇرۇق سوغۇق، زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلاردىن خورما، قۇرۇق ئۈزۈم، گۈرۈچ تامىقى، تونۇر كاۋىپى قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىشى، يېمەك – ئىچمەكنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىشى، قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىشى، تەركىبىدە تالالىق ماددىلار كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ، شۇنداقلا سەي كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى، ئۇنىڭدىن باشقا شورپا، ئۈگرە، پالەك، يۇمغاقسۈت، قېتىق، تاۋۇز، بانان قاتارلىقلارنىمۇ ئىستىمال قىلىپ بېرىشى لازىم. 30 گىرام ھەسەل بىلەن بىر گىرام تۇزنى مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇغا قوشۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كىيىن 15 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بېرىلسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 2 قوشۇق ھەسەلنى ئىلمان قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچسە – ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا 1 ياكى قايناقسۇغا ئازراق تۇز سېلىپ ئىچسە، قەۋزىيەتكە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . يېڭى كۈدىنى ئېزىپ، سۈيىگە ئازراق ئىلمان سۇ قويۇپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ . قىزغۇچ باش پىيازنى پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغراپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئەھۋالىغا قاراپ كۈندە ئىككى – ئۈچ قېتىم غىزاغا قوشۇپ يەپ بەرسە، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قورۇپ يۇمشاق سۇقۇپ، ئۇنىڭدىن 15 گىرام ئېلىپ، ھەسەل ياكى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ.

2. مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ بېرىش لازىم. قەۋزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى ھەرىكەت قىلماسلىق بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە قەۋزىيەت بولغۇچىلار مۇۋاپىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرسە، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى كۈچىيىپ، ئۈچەيدىكى تەرەتنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا قەۋزىيەت بولغۇچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشتىن، تەرەت قىلىشقا سەل قاراپ، ۋاقتىدا تەرەت قىلماسلىقتىن ساقلىنىپ، كۆپرەك مېڭىپ بېرىش، پەلەمپەيدىن چىقىپ – چۈشۈش، تانا سەكرەش، ئورۇندا تۇرۇپ سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ھەرىكەت بىلەن جىملىقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشى لازىم.

3. قورساق قىسمىنى ئۇۋىلاپ بېرىش كېرەك. قۇرساق قىسمىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ئۈچەي ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنى داۋالىغىلى بولىدۇ. شۇڭا قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاشتا، باشقا ياردەمچى بىمارنى كارىۋاتقا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، بىمارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ ئوڭ قول ئالىقان قىسمىنى قورساققا قۇيۇپ كىندىك ئەتراپىنى مەركەز قىلغان ئاساستا چەمبەر شەكىلدە ئۇۋىلاپ بەرسە بولىدۇ. ياكى بولمىسا، بىمار ئۆزى ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئوڭ قولىنىڭ ئالىقىنى بىلەن يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ئۇۋىلاپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇۋۇلاشتا دەسلەپ يەڭگىل، كىيىن بېسىم بىلەن تەكشى ئۇۋۇلىنىدۇ. ئۇۋىلاش كۈندە ئىككى-ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇش كېرەك .

4. قەۋزىيەت بىلەن ئاغرىغانلار سۈرگە دورىلارنى قالايمىقان ئىچىشتىن ساقلىنىپ، دورىغا ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، دورا ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، يەڭگىل دەرىجىدىكى سۈرگە دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىشى، شۇنداقلا ئىستېمال مىقدارى، ۋاقتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا قاتتىق رىئايە قىلىشى لازىم.


”شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى“ دى


收藏 已赞